- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگودا تورداشلار سانى 688 مىليونغا يەتتى
كىشى بېشىغا ھەر كۈنلۈك تورغا چىقىش ۋاقتى تۆت سائەتكە يېقىنلاشتى
2016.01.25 13:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-يانۋار، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC) 37-قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالى سىتاتېستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، 2015-يىلى 12-ئايغىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ يېرىمى ئېنتىرنېت تورىغا چىققان، %40تىن ئارتۇق تورداش بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى تورداشلارنىڭ كۆلىمى 688 مىليونغا يېتىپ، ئېنتىرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى %50.3كە يېتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن %3.9 ئاشقان.
تورداشلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە، يېزىلاردىكى تورداشلارنىڭ كۆلىمى 195 مىليونغا يەتكەن، شەھەر-بازارلاردىكى تورداشلار سانى 493 مىليون بولغان، گەرچە ساندىكى پەرق چوڭ بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2015-يىلى يېزىلاردىكى تورداشلار كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازارلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولغان.
يەنە يېرىم جۇڭگولۇقلارنىڭ تورغا چىقماسلىقى، ئاساسلىقى كومپىيوتېر ياكى تورنى ئۇقماسلىق، يېشى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولۇش، كومپىيوتېر قاتارلىق تورغا چىقىش ئەسلىھەسى بولماسلىق سەۋەبلىك ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر