باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلىدى

2016.01.25 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) بۇلتۇر كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پۇقراۋى كارخانىلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 1500 مو كۆلەمگە ئىگە ياسىمىچىلىق ۋە كىچىك كۆلەملەشكەن ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە كەسىپلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە داغدام يول ئاچتى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇرقى بىر يىلدىن بۇيان، كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «بىر تۈركۈمىنى كىرگۈزۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەنە بىر تۈركۈمىگە تەييارلىق كۆرۈش» تەك سودىگەر چاقىرىش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ماشىنا-ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، مىللىي كىيىم-كېچەك ئىشلەش، كەشتىچىلىك ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى داڭلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان21 پۇقراۋى كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پۇقراۋى كارخانىلارنى جانلىق، ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە تۈر تەستىقلاش ھوقۇقى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ 500 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىۋاسىتە تەستىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ئۈچ كۈن ئىچىدە بېجىرىپ تاماملىدى. تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ھەل قىلدى. قەرەللىك ھالدا تۈر مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش»، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت قوللىنىش» ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ راۋان بولۇشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى.

  كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يەنە كۇچا ناھىيەسىدىن 10 دىن ئارتۇق كەشتىچى قىزنى تاللاپ، سۇجۇ شەھىرىدىكى داڭلىق كەشتىچىلىك بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگىنىشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىدى، ھەم سۇجوۋلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى كۇچا ناھىيەسىگە كېلىپ كەشتىچىلىك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۆز جايىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كارخانىلار بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. مىللىي كىيىم-كېچەك، مىللىي كەشتىچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە داڭلىق مەھسۇلاتلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ تيەنجىن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، سۇجوۋلۇق كەشتىچى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن كۆپ قېتىم كېڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى، سىرتىدىكى مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە كەشتىچىلىك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلاردىن بىر تۈركۈمىنى كىرگۈزۈپ، داڭلىق مەھسۇلات لايىھەلەش، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشچى تەربىيەلەش ۋە كەسىپ يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر