باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تائام رىسالىسى» پىروگراممىسى بەش ياشقا كىردى

2016.01.25 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ، ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ……ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنى ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻧﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﺴﻰ» ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻧﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ، ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ، ﺑﺎﻟﻘﺎﺵ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ بولۇپ، ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺩﻩ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ، ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ، ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯩﺰ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﻨﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﯜﺗﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ئۇيغۇر ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

  ﻣﺎﻧﺎ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ، ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯ ﺋﯜﺳﺘﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ 280ﺳﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ 400 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «تائام رىسالىسى» پىروگراممىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەشتە يەنە كەڭ خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ پىروگراممىدىكى ئەڭ ئېسىل تائاملاردىن 53 خىلىنىڭ ئېتىش ئۇسۇلى مەزمۇن قىلىنغان قاپلىق DVD ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﺴﯩﻨىڭ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر