باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى

2016.01.25 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 24-يانۋار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن زەمىرە سەيدۇل، ئابلەت توختى ۋە تەلئەت قاسىملار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى 5-كۈتۈش زالىدا پويىز كۈتۈپ تۇراتتى.

  ___ تۈنۈگۈن تەتىل بولدۇق، بۈگۈن پويىزدا ئاقسۇغا قايتماقچى، مەكتەپ پويىز بېلىتىنى ئۇقۇشۇپ بەردى، بېلەت سېتىش ئورنى ئىشىك ئالدىمىزغىچە مۇلازىمەت قىلدى. بىز خاتىرجەم ئۆيىمىزگە قايتىپ، قىشلىق تەتىلنى، چاغاننى ئاتا-ئانىمىز، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيمىز دەپ ئويلايمەن،- دېدى زەمىرە سەيدۇل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  24-يانۋار يىلدا بىر كېلىدىغان چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، شۇندىن كېيىنكى 40 كۈندە مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرلىشىچە بۇ يىل 3 مىليون 80 مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇشى، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %11.8 ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئېيتىلىشىچە بۇ ساننىڭ ئىچىدە 900 مىڭ يولۇچى (قېتىم) شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە بارىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، خەنكوۋ، جېڭجوۋ، گۇاڭجۇ قاتارلىقلار ئاساسلىق نىشان بولىدىكەن. شىنجاڭ تۆمۈل يول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 344 ئورۇندا بېلەت سېتىش مۇلازىمەت ئورنى، 87 ئورۇندا بېلەت ئالماشتۇرۇۋېلىش ئورنى قۇرغان. شىنجاڭ قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 14 مىليون يولۇچى (قېتىم) توشۇلۇشى، ئاۋىياتسىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە 300 مىڭ يولۇچى (قېتىم) نى توشۇش مۆلچەرلەنگەن.

  24-يانۋار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇبىي ۋوگزالدا 1 مىليون 270 مىڭ يولۇچى (قېتىم) توشۇلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۈرۈمچىدىن نەننىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ يۆنىلىشىگە پويىز كۆپەيتىلگەندىن سىرت، ئۈرۈمچىدىن كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا يۆنىلىشىگە پويىز كۆپەيتىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر