باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى %1كىمۇ يەتمەيدۇ

2016.01.25 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23-يانۋار ئېلان قىلغان سىتاتېستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى 7000دىن ئېشىپ، يېڭى تارىخىي يۇقىرى ساننى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلتېماسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلارنىڭ سانى ئاران 27بولۇپ، ئىلتېماس قىلغۇچىلار سانىنىڭ %1كىمۇ يەتمەيدۇ.

  ياپونىيە ھۆكۈمېتىنىڭ مۇساپىرلىقنى ئىلتېماس قىلغۇچىلارغا بولغان سوغۇق پوزىتسىيەسىگە قارىتا، بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ياپونىيە ھۆكۈمېتىنى چەكلىمىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  ئىلتىماسى رەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %99تىن ئاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى مۇساپىرلار ئۈچۈن ھوقۇق قولغا كەلتۈرۈش تەشكىلاتلىرى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارغا باشپاناھ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ياپونىيە مۇساپىرلار بىرلەشمىسى مۇنداق دېدى: «بىز، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي خادىمى ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئەلئارا تەشكىلاتلار بىلەن بۇ ھەقتە كېڭىشىپ، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  ياپونىيە ئىزچىل «مۇساپىرلارنى ئەڭ قارشى ئالمايدىغان دۆلەت»نىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمېتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى يەنىمۇ چىڭايتماقتا. ئۆتكەن يىل 9-ئايدا، ياپونىيە ھۆكۈمېتى بەلگىلىمىگە ماس كەلمەيدىغان پاناھلىق ئىزدىگۈچىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش، مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى قايتا-قايتا سۇنۇشىدىن ساقلىنىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەرنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىلىرىنى كۈچەيتتى.

  2015-يىلى جەمئىي 5000كىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 11كىشىنىڭ ئىلتىماسى تەستىقلاندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر