خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن نىڭبو شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان 2016-يىللىق چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان كۇچا ناھىيەلىك مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان « كۇچا مەشرىپى » ، « ئىتتىپاقلىق كۈيى» ، « كۇچا چوڭ نېنى » ، « بايرام تەنتەنىسى» قاتارلىق تۆت سەنئەت نومۇرى 21-يانۋار كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ مەشىق زالىدا رەسمىي رېپېتىتسىيە قىلىنىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى .
ئىگىلىنىشچە، نىڭبو شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى 26-27-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كۇچا ناھىيەلىك مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكىدىكى 20 دىن ئارتۇق خەلق سەنئەتكارلىرى كۇچا ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن بۇ كېچىلىككە قاتنىشىپ، قەدىمىي يىپەك يولى كۈسەننىڭ ئۆزگىچە سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىدىكەن .
سۈرەتتە: 21-يانۋار مۇقام ئەلنەغمە سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار سەنئەت نومۇرلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى