باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەرزەنتلەر مائاش ئېلىپ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش سىياسىتى بۇ يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

2016.01.26 13:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ پەرزەنتلەرنىڭ مائاش ئېلىپ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە باشقۇرۇش چارىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئائىلىدە كۈتۈنىدىغان، پەرزەنتلىرى مائاشلىق پەرۋىش قىلىدىغان ياشانغانلار ئاساسلىقى قىيىنچىلىقى بار ئىقتىدارىدىن قالغان، ئەقلىي ئىقتىدارى يوق ياشانغانلار بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 600مىڭ كىشى ئەتراپىدا ئىكەن. تۈنۈگۈن، شەھەرلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىغىندا «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە يازمىچە دوكلات قىلدى. شۇنداقلا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 2 - قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ شەھەردىكى نۆۋەتتە كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي تونۇشتۇردى. باشقا جايدا كۈتۈنىدىغانلار توپى، خېبېي ئۆلكىسىدىكى نۇقتىلىق بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىم قىلغان داۋالىنىش خىراجىتىنى بېيجىڭدا سىياسەت بويىچە ئاتچوت قىلىدۇ، نۆۋەتتە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۈچ جاي سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .

  2015-يىل، كۈتۈنۈش مەركەزلىرى ئائىلىدە ئۇزاق مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياشانغانلارغا قارىتا، قىسقا مۇددەتلىك ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى، يەنى دائىم دەيدىغان دەم ئېلىۋېلىش مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنداق ئائىلىلەرنى قوللىشى لازىم. بۇ يىل، ئائىلىدە كۈتۈنىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى مائاشلىق پەرۋىش سىياسىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.

  «دوكلات»تا، بېيجىڭنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنىدىغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى مائاشلىق پەرۋىش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداقتا، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت پۇل چىقىرىپ پەرزەنتلەرنى «تەكلىپ قىلىپ» ئۆيدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، بۇ ھەم ياشانغانلارنى كۈتكۈچى خادىملار سانىنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تولۇقلايدۇ، ھەمدە ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ ھېسسىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر