باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئەزالىق خىراجىتىنى كەينىگە سۆرەپ تاپشۇرمىغان 15دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلاندى

2016.01.26 13:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئەزالىق خىراجىتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىقتىن، ۋىنسۇئىلا قاتارلىق 15ئەزا دۆلەت بۇ قېتىملىق ب د ت يىغىن مەزگىلىدىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ۋاقتىنچە ئېلىپ تاشلاندى.

  روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە ئاگېنتلىقى ب د ت باش كاتىپى بان كىموننىڭ ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى دەپ كۆرسىتىلگەن خېتىدە ب د ت قۇرۇلتىيىغا قىسمەن ئەزا دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاش ئىشىنى ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ قېتىم بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بىكار قىلىنغانلار 15دۆلەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىنسۇئىلا، لىۋىيە ۋە بەھرەيىن قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  خەتتە دېيىلىشىچە، ۋىنسۇئىلا ئاز دېگەندە ئۈچ مىليون دوللارلىق ئەزالىق ھەققى تاپشۇرغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ ب د ت قۇرۇلتىيىدىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەن. بىراق ۋىنسۇئىلا يەنىلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر