باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

SDA ئۈچ رەسسامنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.27 14:30   مەنبە: خەلق تورى

SDA ئۈچ رەسسامنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) سەيدى مۇھەممەت، دىلمۇرات ئابدۇقادىر، ئابلاجان نىياز قاتارلىق ئۈچ رەسسامنىڭ نەچچە يىللىق جاپالىق ئەجرى بىلەن پۈتكەن غەيرى، ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرىدىن 160 پارچە ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان SDA رەسىم كۆرگەزمىسى 23-يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى خوڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  كۆرگەزمە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا سۇ بوياق رەسىم بىلەن ماي بوياق رەسىملەر جۇڭگوچە رەسىم قەغىزىگە سىزىلغان، بۇنىڭدىكى سەيدى ئەخمەتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان 80 پارچە ئەسىرىدە گۈزەل ھېس- تۇيغۇلىرىنى ئۆزى تاللىغان بىر تۈرلۈك تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆز تۇيغۇسى بويىچە ئۆزگىچە ئىپادىلەپ بەرگەن. دىلمۇرات ئابدۇقادىر تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق تەييار ماتېرىياللار ۋە ئوبېيىكتتىن بىۋاسىتە پايدىلانماي، ئەتراپىدا كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قاراشلىرىنى ئەسىرىگە بىۋاسىتە سىڭدۈرۈپ، شەكىل ۋە رەڭگە يوشۇرۇنغان تۇيغۇ، كەيپىيات، خاراكتېر ئارقىلىق سەنئەتكارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان بىر پۈتۈن روھىي دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئابلاجان نىياز ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئادەم تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ، رەسسامنىڭ شۇ ۋاقتتىكى روھىي كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ، ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان سەنئەتلىك كۈچنى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

  بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى تەتىل مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغان ھەم ھۇزۇرلىنالايدىغان ياخشى سورۇنى بولۇپلا قالماي، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭمۇ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، گۈزەللىك قارشىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن كۆرگەزمە بولدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ