باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلاندى

2016.01.25 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3603-قېتىملىق پويىز 24-يانۋار سائەت 00:11دە بېيجىڭ ۋوگزالىدىن قوزغالدى. بۇ بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى خەندەن ئۇچاستىكىسى ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭدىن چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىغا بارىدىغان پويىز بولۇپ، بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا يولغا چىققان تۇنجى كۆپەيتىلگەن پويىز، بۇ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇيدىغان 40 كۈندە 30 مىليون كىشىنى توشۇشنى مۆلچەرلىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليون 122 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %7.6 ئاشىدىكەن، يولۇچىلار ئېقىمى يېڭى رېكورتنى يارىتىدىكەن. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن لاڭفاڭ، ساڭجۇ غەربىي ۋوگزالىغا، بېيجىڭ ۋوگزالىدىن تاڭشەن، چىڭخۇاڭداۋ ئارىسىغا، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن خەندەن شەرقىي ۋوگزالى، شىڭتەي شەرقىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك شەھەر ئارا پويىز، بېيجىڭ شەرقىي ۋوگزالىدىن يەنجياۋ، باۋشيەن ناھىيەسىگە قاتنايدىغان ئادەتتىكى شەھەر ئارا پويىزنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر