باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر كۇچا ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

2016.01.25 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) بۇلتۇر كۇچا ناھىيەسى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆز قېرىندىشىمىزدەك بىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىمىز، ئاممىۋىي خىزمەتنى ئائىلە ئىگىلىكىمىز دەپ قاراپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختىيار قىلدى .

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئولتۇراق ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاش، مەھەللىلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى، ئىچىملىك سۇ، «قوش تىل» بالىلار باغچىسى، ئاممىۋى قۇرۇلۇشىغا قارىتىپ، مەھەللىلەرگە پىكىر ساندۇقى، پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى %98 تىن ئاشۇردى، نەتىجىدە بۇلتۇر ناھىيە بويىچە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13مىڭ317 كىشىگە يېتىپ 7840 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى %100 پۈتۈپ، دېھقان-چارۋىچىلار قىش كىرىشتى بۇرۇن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بۇلتۇر تارقىتىلغان ئەمىن ئۆي تولۇقلىمىسى 425مىليون 280مىڭ يۈەنگە يەتتى، شەرقىي شەھەر ۋە غەربىي شەھەر رايونىدا 33مىڭ 500كىۋادرات مېتىر يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سەيلى-ساياھەت، ئارام ئېلىشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى، كونىشەھەر رايوندىكى 25 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەھەللە يولىنى قاتتىقلاشتۇردى، 30 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، شەھەرنىڭ مەينەت سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىنى راۋانلاشتۇردى، 86 «قوش تىل» بالىلار باغچىسىدىكى13 مىڭ يەسلى بالىسىغا 1مىليون 170مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قوش تىللىق يېڭى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدىن ھەقسىز تارقىتىپ بەردى، شەھەر-يېزىلاردىكى 42 مىڭ نەپەر تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتىغا ھەر ئايلىق تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ۋاقتىدا تارقىتىلىپ بېرىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 3476نەپەر ئېغىر كېسەلگە 7مىليون520مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم ۋە ماددىي بۇيۇم تارقىتىپ بەردى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان 333 مىڭ 185 كىشىنىڭ 46 مىليون يۈەنگە يېقىن داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن بۇ ياخشى سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلدى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر