باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىرلىشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلايلى

2016.01.22 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-يانۋار قاھىرەدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرى بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىشەنچ. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، تىنچ، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەش، تۈزەش، قوشۇلۇشتەك ھەرىكەت ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا، ئەرەب ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىرلىشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:05لەرە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى، مىسىر زۇڭلىسى ئىسمائىلنىڭ ھەمراھلىقىدا نۇتۇق سۆزلەش زالىغا كىردى. ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئەرەبى سۆز قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ۋە خەلقىگە ئالىي ئېھتىرام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، سەمىمىي تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زامان ۋە ماكان ھالقىغان ئالاقە جەريانىدا، جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرى بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، قەدىمكى يىپەك يولىدا دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جېڭىدە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۆز-ئارا ياردەم بەردى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرقنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، لېكىن ھازىرغىچە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن قۇتۇلالمىدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى كىشىلەر توقۇنۇش ۋە قىيىنچىلىقنىڭ ئاز بولۇشىنى، تىنچلىق ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشتە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىش مۇھىم ھالقا. قورال كۈچى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، توقۇنۇش بولغان تەرەپلەر كۈچنى سىياسىيدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك. قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تەرەققىياتنى تېزلىتىش مۇھىم ھالقا. يول تاللاشتا دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولنى تاللاش مۇھىم ھالقا. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي يولى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پەلەستىن مەسىلىسىنى چەتلەشتۈرمەسلىك، ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ تۈپ مەنبەسى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا قايتا سۆھبەتلىشىش، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاشتا تەۋرەنمەسلىكى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر