باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2015-يىلى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 76مىليارد 880مىليون يۈەن ئاجىراتتى

2015.12.31 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشچە، 2015-يىلىدا، شىنجاڭ مالىيەسىدىن 76مىليارد 880مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىنىپ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىنىپ ئەسلى پىلاندىكى 75مىليارد 520مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. تاماملىنىش نىسبىتى % 106كە يەتكەن. تۈر مەبلەغ بۇيرۇپ بېرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 25 خىل 100 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئىچىدە، 98 تۈرگە ھەممە مەبلەغ ئاجىرتىلىنىپ بولغان. ئىككى تۈرگە بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىلغان. كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىگە يىل بېشىدا بېكىتىلگەن ئومۇمىي مەبلەغ 4مىليارد774مىليون يۈەن بولۇپ، 9611 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 12- ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، 25 تارماق ھازىر بار بولغان مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 5مىليارد 690مىليون يۈەننى مەبلەغنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئىشخانىسى، تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى قاتارلىق تارماقلار مەبلەغ چىقىمى ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.

  12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قەدەر ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئاجىراتقان ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 26 مىليارد 800مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ٪ 20 ئېشىپ، جامائەت مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ % 75.7نى ئىگىلىگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر