باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپى بويىچە سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2015.12.30 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە، ئىنتىزامدا تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلىشتا، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادىمىيلىكتە راستچىل بولۇش تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى چۆرىدەپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە، مەركەزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەمەلىيىتىگە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشقا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە، جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىدىن چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىشقا باغلاپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلدى، تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇردى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنى خۇلاسىلىدى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىشتىكى مۇھىم پائالىيىتى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەييارلىق كۆردى. بىرىنچى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەر ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 2013-يىلى 6-ئايدىكى مەخسۇس يىغىنىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى رەتلىدى. ئىككىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم، مەركەزدىكى ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېتلار، دۆلەت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئىلگىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلاردىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالدى. ئۈچىنچى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلار مەلۇم دائىرىدە پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن سىردىشىپ، پاراڭلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئومۇمىيەتكە بويسۇنۇش ۋە ئۇنى قوغداشنى چۆرىدەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش ۋە پاك- تەلەپچان بولۇش جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، نۇتۇق ئارگىنالى يازدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر