باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چېيىدا سۆزلەنگەن سۆز

2016.01.04 08:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن (2015-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى)

  يولداشلار، دوستلار:

  ئەتە 2016-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ھەممەيلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بايرامنى بىللە تەبرىكلەپ، دوستلىقىمىزنى ئىزھار قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاۋاتىمىز، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  مەن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچى، دېھقان، چارۋىچىلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، ج خ كادىر- ساقچىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىدىكى يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان دوستلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

  2015- يىلى 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، «13- بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان لايىھەلەنگەن، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. «بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈپ، زوراۋان، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىرى ساقلىدۇق، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق قوغدىدۇق، «زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىمۇ قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «بەش ئاچقۇچ»تىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپنى ئېچىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇسلاشتۇرۇش، قانۇن ئارقىلىق چەكلەشتىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپ ئورتاق باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى كۆرۈنەرلىك سۇسلاشتۇردۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىن ئىناقلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. «ئۈچ قوشۇن قۇرۇلۇش»نى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتتۇق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى ئۇدا ئالتە يىل قانات يايدۇرۇپ، 25 تۈردىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئۆي قاتارلىق گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردۇق. كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، گۇمىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان 23 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتۇق، بىر قاتار چوڭ ئىشلار نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى قەدەم باستۇق. بۇ نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قان- تەرى، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان يولداشلارنىڭ، دوستلارنىڭ ھەم جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىنىڭ مەھسۇلى.

  يېقىندا ئېچىلغان ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «13- بەش يىل»نىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە ئاساسىي ۋەزىپە بېكىتىلدى. 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن ۋەدىسى. بۇ ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيەلىك نىشان، شۇنداقلا جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەممىمىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، بۇ نىشانغا جەزمەن ئۆز قەرەلىدە يېتەلەيمىز.

  2016- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچى باشلانغان يىل، شۇنداقلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. يېقىندا ئاخىرلاشقان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەپەككۈرى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە ھەم ئىدىيە، مەسىلە ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشنى كۈچەپ ھەل قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى، مەبلەغ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، جەمئىيەنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى قىيىن ئۆتكەلگە جاسارەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارنى قەتئىي يېڭىپ، چەكسىز ئىشەنچ بىلەن بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، «13- بەش يىل»لىق تەرەققىياتتا يېڭى ھەم ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۈچلەر ئىتتىپاقلاشتۇرۇلۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئەقىل- پاراسەت دېموكراتىك مۇجەسسەملەندى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ۋە ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، «قەلبنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش»قا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش» قۇرۇلۇشىدا زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە كۈرەش قىلىپ، يېڭى ئۈنۈم يارىتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش- دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكى ۋە تەشەببۇسكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە يوللىرىنى پائال ئېچىپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشتراك قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىدىيەنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى «13- بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئومۇمىيەتنى پۇختا ئىگىلەپ، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يولداشلار، دوستلار!

  يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، غەلىبە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزگىرىش ياساپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىغا خۇشاللىق، تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر