باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي شىمال بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونى ئارىسىدىكى تىرانسپورت ۋاقتى قىسقاردى

ئۈرۈمچىدىن نەننىڭغا ئالاھىدە تېز پويىز قاتنايدۇ

2016.01.04 08:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 – يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن نەننىڭغا ئىككى كۈندە بىر قېتىم 1/T284 قېتىملىق، نەننىڭدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا 3/T282 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ، بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن نەننىڭغا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى شياڭشى مياۋزەي، جاڭجياجيې قاتارلىق داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىكەن، بۇ پويىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، يولبويى جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، شىنجاڭ، گەنسۇ، شەنشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشىدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدىكەن. بۇ جەرياندا ئاساسلىقى لەنجۇ، شىئەن، شاڭياڭ، جىڭمېن، جاڭجياجيې، ليۇجۇ، نەننىڭ قاتارلىق 35 ۋوگزالدا توختايدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 4608 كىلومېتىر بولۇپ، يولۇچىلار پويىز ئالماشمايلا جاڭجياجيې مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، شىمالدىكى ‹‹يېشىل شەھەر›› دەپ نام ئالغان نەننىڭ شەھىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن.

  ئىلگىرى، ساياھەتچىلەر نەننىڭغا بېرىش – كېلىشتە شىئەن ياكى جېڭجۇ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا پويىز ئالمىشىشقا توغرا كەلگەچكە، ساياھەتچىلەرگە قولايسىز ئىدى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن نەننىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى چېگرا رايون ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قاتناش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قامداپ، غەربىي شىمال رايونى بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونى ئارىسىدىكى تىرانسپورت ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ ھەم غەربىي شىمال بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى رايوننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىدا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر