باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يولغا قويۇش تېزىسى (2015−2020-يىلغىچە)»نى تارقاتتى

2015.12.28 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يولغا قويۇش تېزىسى (2015−2020-يىلغىچە)»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يولغا قويۇش تېزىسى (2015−2020-يىلغىچە)»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇش 2020-يىلغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەت ۋە تەسىرگە ئىگە مۈشكۈل ۋەزىپە. ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى دەل ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا بۇ تېزىس تۈزۈلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  (ئىككىنچى) باش نىشان

  بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق 2020-يىلغىچە فۇنكسىيەسى ئىلمىيلاشقان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتلەر قانۇندا بەلگىلىنىدىغان، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا-ئادىل، پاك-دىيانەتلىك، قانۇنغا بويسۇنىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىن ئىبارەت.

  (ئۈچىنچى) ئاساسىي پرىنسىپ

  قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سۇبيېكتىپ ئورنىدا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا، دۆلەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا، ئاساسىي قانۇنغا تايىنىپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك-دىيانەتلىك ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر