- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېڭى يىللىق ئوپېرا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار كېچىلىكنى كۆردى
2015.12.31 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق يېڭى يىللىق ئوپېرا كېچىلىكى 30-دېكابىر كەچ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار پايتەختتىكى نەچچە مىڭ ئامما بىلەن بىرگە ئويۇن كۆرۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.
كېچىدىكى دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ چىراغ نۇرلىرى پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرۇپ، تىياتىرخانا كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى سائەت 19:45دە كېچىلىك نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر