- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىز كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تورلاشقان كۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدۇ
2015.12.31 14:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 30 -دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۆمۈر ئېلېكتىر باھاسى بىرلەشمە مېخانىزمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2016-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تورلاشقان كۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ ھەر كىلوۋات سائىتىنىڭ باھاسى ئوتتۇرىچە 3 پۇڭ تۆۋەنلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سودا سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسىمۇ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە 3 پۇڭ تۆۋەنلىتىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەش-مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، قۇرۇلمىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى تەدبىر. 23- دېكابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، تورلاشقانكۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، قۇرۇلمىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش قارار قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر