باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى قىرغاق قىزىق لىنىيەسى رەسمى ئېچىلدى

2015.12.31 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 30-دېكابىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: ئىككى قىرغاق قىزىق لىنىيەسى 30-دېكابىر رەسمى ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن بىلەن تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى شيا لىيەن ئىككى قىرغاق قىزىق لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم تېلېفونلاشتى، دەپ جاكارلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق قىزىق لىنىيەسى ئېچىش 7-نويابىر ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرى سىنگاپوردا ئۇچراشقاندا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى قىزىق لىنىيە ئېچىشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار توغرىسىدا قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلدى.

  ما شياۋگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جاڭ جىجۈن بىلەن شيا لىيەن 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بۇ قىزىق لىنىيەدىكى تۇنجى سۆزلىشىشتە ئۆتكەن بىر يىلدا «92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»تا قەتئىي چىڭ تۇرۇش سىياسىي ئاساسىدا، ئۈزلۈكسىز نەتىجە كۆرۈلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كەلگۈسىدە ئىككى تارماقنىڭ «92-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش» ئورتاق سىياسىي ئاساسىدا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. جاڭ جىجۈن بىلەن شيا لىيەن يەنە بىر-بىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر