باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2015.12.28 13:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 24 – دېكابىردىن 25 – دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنلىرى ھەم مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىندى، 2016 – يىللىق ۋە ‹‹13 – بەش يىل››لىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئاساسى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە سەل قاراشقا ۋە ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش – ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى نى – نى ئىشلارنى روياپقا چىقارغىلى بولىدىغان كەڭ سەھنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل››دىن بۇيان ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىل، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم ۋە رىقابەت كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك. ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىنكى يېڭى ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى داۋاملىق قوزغاش كېرەك.

  يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىلارغا ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان شەھەر – بازارلارغا قارىتىپ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا يېتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى(مۇزاكىرە نۇسخىسى)›› مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى يان قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى تەمىنلەش سىستېمسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مىقدارى، تۈرى ۋە سۈپىتىنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسكىلات مىقدارى زىيادە كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىش، ئاشلىقنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئازايتىش، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى تۈگىتىپ، بازاردا قىس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، ئاشلىق قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم – خەشەكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، 1 – ، 2 – ، 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يېزا ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ تۆۋەن چېكى، شال، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىققا، تېرىلغۇ يەرگە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، بولۇپمۇ يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دانلىق زىرائەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سىياسىتىنى كۆلەملەشكەن ئىگىلىككە مايىللاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە زاپاس ساقلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قەتئىي بوشاشماي، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كۈچلۈك كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچەش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىغا سېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، 1 – ، 2 – ، 3 – كەسپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا بايلىقى، مۈلكى ۋە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك يول ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، يېزىلارنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر