- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېلگىيە يېڭى يىللىق تېررورلۇق سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى
2015.12.31 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ساقچىلار ئىككى تېررورلۇق گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلدى دېدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: بېلگىيە ساقچىلىرى 27-ۋە 28-دېكابىر بىريۇسسېل، لېگې قاتارلىق شەھەرلەردە تېررورلۇققا قارشى كۆپ قېتىم ھەرىكەت قىلىپ، ئالتەيلەننى قولغا ئېلىپ سوراق قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەن تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن رەسمىي قولغا ئېلىندى، باشقىلىرى قويۇپ بېرىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تېررورلۇق شايكىلىرى يېڭى يىل مەزگىلىدە بىريۇسسېلنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە نۇرغۇن جايلىرىدا ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى بۇنداق تەھدىتلەرنى يوقىتىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر