باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك تەزكىرە سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنچىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى

2015.12.31 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ي تەزكىرە سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلەر سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى، مۇھىم تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەزكىرە خىزمەتچىلىرى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۆزقاراشتا يېڭلىق يارىتىپ، زور بىر بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقتى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللىكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. تەزكىرە تارىختا ساقلىنىپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى تارىخنى تونۇشتا، مۇھىم بولغىنى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەزكىرە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللىشى كېرەك، تەزكىرە خىزمەتچىلىرى تەزكىرىچىلەر روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، ئىلىم ئېلىپ، تارىخنى توغرا خاتىرلەپ، زامانىمىز ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش ماتېرىيالى، كېيىنكىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ماتىرىيال قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەزكىرە ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققى قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسيالىستىك، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر