باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يۇقىرى ئېنىقلىق 4-» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

2015.12.30 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇزۇن سەپەرB 3 » ناملىق توشۇغۇچى راكىتا 29-دېكابىر سائەت 00:04تە، شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقىنىڭ 2015-يىللىق سىجىل، يۇقىرى زىچلىقتا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تاماملاندى، پۈتۈن يىلدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدىن 19نى تاماملاپ، جۇڭگو، چەت ئەلنىڭ ئالەم ئۇچار ئەسۋابىدىن 45نى ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

  «يۇقىرى ئېنىقلىق 4-» يەر شارى ماس قەدەملىك ئوربىتىسىدا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئوپتىكىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچى سۈنئىي ھەمراھ بولۇپ، كۆرۈنىدىغان نۇر ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەملىكەت ئىچى ئابونتلىرىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يىراقتىن ئۆلچەنگەن سۈرەت سانلىق مەلۇمات تەلىپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنى تەكشۈرۈش، ئورمان ئاپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي ساھەلەرنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە دېڭىز-ئوكيان، ئورمانچىلىق، دۆلەت زېمىنى، سۇچىلىق قاتارلىقلارنى يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر