باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئىراقنىڭ غەربتىكى مۇھىم بازار رامادىنى قايتۇرۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.12.31 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن ئىراق زۇڭلىسى ئابادى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتە ئىلگىرلەشكە ئېرىشىپ، غەربتىكى مۇھىم بازار رامادىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: رامادىنى قايتۇرۇۋېلىش بىر مۇھىم غەلىبە. ئۇ ئىراقنىڭ تەدبىر قوللىنىپ يەرلىكنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى قوللايدۇ دېدى.

  بان كىمون يەنە قاتارلىق نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئىراقتا تۇتقۇن قىلىنغانلىق ۋەقەسىگە كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر