- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالايسىيانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى رەسمىي قۇرۇلدى
2015.12.31 13:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى مالايسىيانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانىفا بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى بۈگۈن رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم نامايەندە دېدى.
ئانىفا باياناتىدا مۇنداق دېدى: «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2025: قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەش» ناملىق ھۆججەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسى، ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرۈك ئاساسىدىكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي –جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنىڭ ئاياغلىشىشى بولماستىن بەلكى باشلىنىشى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر