باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

2015.12.28 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 25-دېكابىر ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋەكالىتەن، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، گېزىتخانىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، گېزىتخانا پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئاساس قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنى تېرىشىپ سىياسىي، تارقىتىش، تەسىردە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا چىقىرىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا كۈچلۈك ئىدىيە، جامائەت پىكرى مەدىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تەشۋىقات مەركىزىگە بېرىپ، ۋىدىيو سىستېمىسى ئارقىلىق مۇخبىرلار ئەترىتىنىڭ «يېڭى چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى كۆردى، تېز نەشىر قىلىش سىستېمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ تاراتقۇ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسى مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ئېلان قىلىش سۇپىسىغا «يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسمىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەيمەن. مەن كۆپچىلىكنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن مىكرو بىلوگنى چىقاردى.

  شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنى ياخشى چىقىرىشتا، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ پارتىيەگە مەنسۇپلۇقىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى-پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان گېزىت، پارتىيىۋىلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئاۋازىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يەتكۈزۈش كېرەك. بۇ-ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك سىياسىي روھ، ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇ روھنى ئۇنتۇپ قىلىشقا، تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ پارتىيەگە مەنسۇپلۇقى-پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئاساسلىق ئىدىيە، جامائەت پىكرىنى پۇختىلاش ۋە زورايتىشقا پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دەۋرنىڭ ئەڭ ياڭراق ساداسىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەت، ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى ئەھۋاللىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسىنى پائال پۇختىلاش لازىم. سىياسىي ئېڭى، ھاكىمىيەت ئېڭى، بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بايراقنى دادىل كۆتۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارت بولۇپ، ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىش كېرەك. بۇ-ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ روشەن سىياسىي ئالاھىدىلىكى شۇنداقلا ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ ماركىسى، بۇنى چوقۇم ساقلاش لازىم. پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار گېزىت باشقۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنى ياخشى چىقىرىشتا، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايدىغان، كەسىپكە پىششىق، ئىستىلدا پۇختا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئازادلىق ئارمىيە گېزىتخانىسىدىكى يولداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيىۋىلىك تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، جەڭگاھ مۇخبىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، داڭلىق مۇخبىر، داڭلىق تەھرىر، داڭلىق ئوبزورچىغا تېرىشىپ ئايلىنىشى كېرەك. قوشۇننى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئىنتىزاملارنى چىڭىتىپ، كەسىپ روھى ۋە كەسىپ ئەخلاقىنى ئۆستۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئىشەنچلىك، پاكىز، كەسكىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارغا ياخشى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر