باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلار ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى

2015.12.28 12:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان مەيدان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ قوراللىقلىرى «ئىسلام ئارمىيەسى»نىڭ باشلىقى زاھران ئارۇش رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىدە قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پارتلاپ ئۆلگەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: رۇسىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى قۇتا رايونىغا 13 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ئارۇش شۇ چاغدا باشقا ئىككى ئۆتىچى قوراللىق گۇرۇھىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ سۇرىيە ئارمىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئىشىنى كېڭىشىۋاتاتتى. ئارۇشتىن سىرت ئۆتىچى قوراللىق گۇرۇھىنىڭ 90دەك ئادىمى ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  سۇرىيەنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسى ھەسەن مۇنداق دېدى: «ئىسلام ئارمىيەسى» دەمەشقنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇھلىرىنىڭ بىرى. ئارۇش ئۆلگەندىن كېيىن، «ئىسلام ئارمىيەسى» باشلامچىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋاسىتىسى قوللىنىپ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن ئۆچ ئېلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر