باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەركەزنىڭ قىشلىق – ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 6 مىليارد يۈەن ئاجراتتى

2015.12.28 13:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – دېكابىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 24 – دېكابىر ئېچىلغان مەملىكەتلىك 2015 –، 2016 – يىللىق قىشلىق – ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئاشلىق، كىيىم – كېچەك، يوتقان – كۆرپە، ئىسسىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش ۋە ئەتىيازدىكى ئاساسىي تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ قىشلىق – ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 6 مىليارد 10 مىليون يۈەن ئاجراتقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئاساسلىقى كەلكۈن، يەر تەۋرەش ۋە تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى كۆپ يۈز بەرگەن، قۇرغاقچىلىق، قار ئاپىتى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەر ئانچە كۆپ يۈز بەرمىگەن، مەملىكەت بويىچە ئاپەت ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن يېنىك بولسىمۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان قىسمەن رايونلاردا زىيان ئېغىر بولۇپ، ئاممىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش بېسىمى ئېغىر بولغان، بولۇپمۇ قىش كىرگەندىن بۇيان، يېڭى ئاپەتلەر كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىپ، قىشلىق – ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈپېي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ۋاقتىدا ئادەم تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، تارقاق جايلاشقان بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلە، قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ كىشى بار ئائىلە قاتارلىق ئالاھىدە ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاۋۋال قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ قىشلىق – ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھەم قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىلىرىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، بولۇپمۇ قاتنىشى قولايسىز، چەت، يىراق ۋە خىلۋەت رايونلارغا مەبلەغنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر