باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئۈچ چوڭ تەدبىر ئارقىلىق ھەقنى تۆۋەنلىتىدۇ

2015.12.28 12:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى تېز تور قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، تېلېفون ھەققى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئابونتلارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار ۋە تاللاشلارنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەتكەن، نۆۋەتتە 14دۆلەت ۋە رايوننىڭ كەزمە مۇلازىمەت ئېقىم مىقدارى ھەققى تۆۋەن بولغاندا /5MBبەش يۈەن بولغان؛ 10- ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن باشلاپ يەنە، كۆچمە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىچىدىكى ئېشىپ قالغان ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى تازىلىماسلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، پەقەت 10 - ئايدىلا شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرىدىن 1مىليون 880مىڭ ئادەم بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى؛ ئېقىم مىقدارى بانكا كەسپى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابونتلار ئېقىم مىقدارى پۇلى ئارقىلىق ئىقىم مىقدارىنى تەقدىم قىلىش، بەھىرلىنىش، ئايرىۋاشلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئابونتلارنىڭ يېڭى تورغا كىرىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، ئومۇمىي خىراجەت چىقىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 3 - ئەۋلاد ، 4 - ئەۋلاد كۆچمە ئالاقە تور قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، G 3كۆچمە تور سۈرئىتىنى 21Mbpsگە يەتكۈزۈش پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر ۋە مۇھىم رايونلاردا تور سۈرئىتىنى 42Mbps 21Mbpsگە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مۇقىم نۇركابىل ئابونتلىرىنىڭ تور سۈرئىتىنى 10Mbpsگە يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر