ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى رەسمى قۇرۇلدى
2015.12.28 12:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈنۈگۈن رەسمى قۇرۇلدى، ھازىرغىچە، مۇددىئالىق 17 قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت« ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى»نى تەستىقلىدى، پاي ئومۇمى نىسبىتى %50.1گە يەتتى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاز دېگەندە 10 ئىمزا قويغۇچى تەرەپ تەستىقلىغان ھەمدە تەستىقلىغۇچى تەرەپلەر ئەڭ دەسلەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن پاي ئومۇمى سوممىسى ئومۇمىي پاينىڭ %50دىن ئاز بولمىغان ئەھۋالدا، كېلىشىمدىكى ئىناۋەتلىك شەرتى ھازىرلىغانلىقتىن ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى رەسمى قۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر