باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹تۆت دەرسخانا›› دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى

2015.12.28 13:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادالەت ئابدۇۋەلى خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل ‹‹كەچلىك دەرسخانا››، ‹‹ئېتىز بېشىدىكى دەرسخانا››، ‹‹ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى›› ۋە ‹‹دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقتىدىكى دەرسخانا››دىن ئىبارەت ‹‹تۆت دەرسخانا›› تەسىس قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  ‹‹كەچلىك دەرسخانا››دا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان خادىملار ھەر ھەپتىنىڭ 1 – ۋە 4 – كۈنلىرى كەچتە يېزا – بازار، مەيدان، ئاھالە كومىتېتلىرىدىكى كادىرلارغا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دېھقانچىلىق پەن – تېخنىكا بىلىملىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈردى؛ ‹‹ئېتىز بېشىدىكى دەرسخانا››دا ناھىيە، يېزا – بازارلاردىكى تېخنىكلار ئېتىز بېشىغا بېرىپ نەق مەيداندا دېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېرىقچىلىق، باغ – ئورمانچىلىقتا يولۇققان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى؛ ‹‹ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى››دا ئاياللارنى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش، ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك، كارىۋات بۇيۇملىرىنى كەشتىلەش، ئۈنچە – مارجاندىن سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش، باش كىيىم كەشتىلەش كەسىپلىرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى؛ ‹‹دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقتىدىكى دەرسخانا››دا ئوقۇتقۇچىلار ئەمگەكچىلەرنى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق پولات چىۋىق ئىشچىسى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، مانتيورلۇق، ياغاچچىلىق، كەپشەرلەش ئىشچىسى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ ۋە كەسىپ – تېخنىكا ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر