باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بەش يىلدا كۆممە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 50 مىليون مو ئازايتىدۇ

2015.12.28 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز بەش يىلدا كۆممە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 50 مىليون مو ئازايتىدىكەن.

  مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى يۈ شىنروڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، يېزا ئىگىلىك شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشتا يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى، لېكىن قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولدى. بۇغداي مەھسۇلاتى ئاساسەن تەڭپۇڭ بولدى، شال تەڭپۇڭ ئاساستا سەل ئېشىپ قالدى، كۆممە قوناق تەمىناتى باسقۇچلۇق ھالدا ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولدى، باقىلە كەمچىل بولۇش ئەھۋالى يىلمۇ يىل ئېغىرلاشتى.

  يۈ شىڭروڭ مۇنداق دېدى: ئاشلىق زىرائەتلىرىدە ئەۋزەل رايونلارنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، ئەۋزەل بولمىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك. بۇنىڭدا مۇھىم نۇقتا شەرقىي شىمالدىكى سوغۇق رايونلار، شىمالدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق گىرەلەشكەن رايونلار، غەربىي شىمالىدىكى قۇم-بورانلىق قۇرغاق رايونلار ھەمدە غەربىي جەنۇبتىكى چۆللىشىپ كەتكەن رايونلار قاتارلىق «ئورغاقسىمان» رايونلاردىكى كۆممە قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى ئازايتىلىدۇ. ئازايتىشتىن چىقىرىلغان تېرىلغۇ يەرلەردە بازارنىڭ ئېھتىياجى ۋە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، كۆممە قوناق، يەم-خەشەك، قارا ئاشلىق قارا پۇرچاق قاتارلىقلار كۆپ تېرىلىدۇ.

  يۈ شىڭروڭ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ئېلىمىز تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەت بىلەن ئارام ئالدۇرۇش تۈزۈمى سىنىقىنى باشلايدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇش يەر ئاستى سۈيى ۋارونكا رايونى، ئېغىر مېتاللار بۇلغايدىغان رايونلار ۋە گېئولوگىيەسى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن رايونلاردا سىناق قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇشتا تېرىلغۇ يەرلەرنى ئازايتىشقا، دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئاق تاشلاپ قويۇش، يەرلەرنى تاشلىۋېتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاندا قولدىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر