باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېلېفونلىشىپ ئۇكرائىنا بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2015.12.29 13:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28- دېكابىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئامېرىكىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدە تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ فىرونتىنى قۇرۇشتا ئالدىنقى شەرەت قۇيۇشتىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: لاۋروف بىلەن كېررى سۇرىيە كىرىزىسىنىڭ ئىستىقبالىنى مۇزاكىرە قىلدى. لاۋروف سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى ۋەكىلىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، سۇرىيەدە تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ فىرونتىنى قۇرۇشتا ئالدىنقى شەرت قويۇشتىن ۋاز كېچىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

  لاۋروف ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرى بىلەن رۇسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىمىنتىرنوۋو كەنىتىنىڭ توپقا تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتىغا دىققەت قىلىشنى تىلغا ئالدى، ھەمدە ئامېرىكىنى ئۇكرائىناغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنانى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر