باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى بازار بېكىتىش كېرەك

2015.12.29 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىسترلىقى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان « ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمەت ھەق ئېلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» دە، تۇنجى قېتىم ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي كاپىتال مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەسىگە قارىتا تىجارەتچىلەر باھا قانۇن-نىزامى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بازار ئېھتىياجى ۋە رىقابەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىشىش( PPP )قۇرغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئەسلىھەسىگە قارىتا ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال نەپنىمۇ، خەتەرنىمۇ ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت ھەر قايسى جايلارنىڭ پەرقلىق ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئوخشىمايدىغان رايون، ئوخشىمايدىغان ئاپتوموبىل تىپى، ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكى قاتارلىق، ئوخشاش بولمىغان ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويىشىنى قوللايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2013 – يىلى 25-دېكابرىدىن باشلاپ، شەھەر رايونى ئىچىدىكى يولنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل توختۇتۇشنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ، يول بۆلىكىگە ئاساسەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى پەرقلەندۈرۈپ ئېلىش ئۆلچىمىنى يولغا قويدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر