باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىنىستىر، كومىتېتلار بىمەنە ئىسپاتلارنى تەرتىپكە سالىدۇ

«غەلىتە ئىسپاتلار» كېلەر يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2015.12.29 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك «غەلىتە ئىسپات»لار پەيدا بولدى، سىرتقا ساياھەتكە چىقىش، ئۆي سېتىش-سېتىۋېلىش، خىزمەت ئىزدەش، بالا تۇغۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسپات ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، مەھەللە كومىتېتى «ھەممىگە قادىر» ئىسپات ئېلىش ئاپپاراتىغا ئايلاندى.... كىشىلەر بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقان «ئىسپات كۆپ»، «ئىسپات ئېلىش قىيىن» بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىمەنە ئىسپات ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىسپات ئېلىش قىيىن، ئىسپات كۆپ بولۇش مەسىلىسى 2016-يىلى يەنىمۇ ھەل قىلىنىشى مۇمكىن.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 30-نويابىر «جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ «ئىسپات كۆپ، ئىش بېجىرىش قىيىن» بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، «غەلىتە ئىسپات»، «تەكرار ئىسپات»لارنى مەنبەسىدىن يوقاتتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ئامما «مۇندەرىجە تۈزۈش»، «ئىسپاتلارنى ئازايتىش»، «تەرتىپلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش»، «توردا بېجىرىش»لاردىن نەپ ئالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر