باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مەركەزنىڭ 2015-يىللىق مەخسۇس خىزمەت يىغىنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى كۆرسىتىپ بەردى

2015.12.29 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق مەملىكەتلىك شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغىنىغا توپتوغرا 37 يىل بولدى. يىغىندا شەھەر خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى، بۇنىڭدىن جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان ئېتىبارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  يەككە تۈر بويىچە مەركەز قاتلىمىدا تۇرۇپ يىغىن ئېچىش، بۇ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. نۇرغۇن يىغىنغا يەتتە دائىمىي كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپ قاتناشقانلىقى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇشۇنداق خىزمەت يىغىنلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى خىزمىتى داۋاملىق ئالغا سىلجىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىسىتاتىستىكىلىشىچە، 2015-يىلى مۇشۇنداق خىزمەت يىغىنىدىن ئاز دېگەندە 10 نەچچىسى ئېچىلىپ، سىياسىي قانۇن، بىرلىك سەپ، ئاممىۋى تەشكىلات، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى، شىزاڭ، پارتىيە مەكتىپى، يۆلەش-ئېچىش، ئىقتىساد، شەھەر ۋە يېزا قاتارلىق 10 خىزمەت ساھەسىگە چېتىلىدىكەن، ھەممىسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

  تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، 20-يانۋار مەركەزنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 18-مايدىن 20-مايغىچە، مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 6-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە، پارتىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 24-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق مابەينىدە، مەركەز 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى؛ 24-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 27-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە، مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 11-دېكابىردىن 12-دېكابىرغىچە، مەملىكەتلىك پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 18-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 2-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە، مەركەزنىڭ شەھەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى؛ 24-دېكابىردىن 25-دېكابىرغىچە، مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى.

  بۇ يىغىنلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت تارىخىدىكى تۇنجى ئىش ھېسابلىنىدۇ؛ 20 نەچچە قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى» بۇ يىل «مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى»غا ئۆستۈرۈلدى؛ مەملىكەتلىك پارتىيە مەكتەپلىرى خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر