باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي شۆشەن ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2015.12.29 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن رەئىسى بەي شۆشەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى .

  تەكشۈرۈشتى قارىغاندا بەي شۆشەن سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە ئەزالىق ئېڭى سۇس ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت خۇراپاتلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان. تەشكىل سۈرۈشتۈرۈگەندە تەشكىلگە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەن. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلەشتە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل – مال ئالغان؛ پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە پۇل-مال ئالغان. بۇلار ئىچىدە، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پۇل – مال ئېلىش مەسىلىسى جىنايەتكە چېتىلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر