باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا نوپۇس دەپتىرى ئېلىنمايدۇ

2015.12.29 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 28-دېكابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ بەلگىلىمە، تەلەپلىرىنى تەپسىلىي ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇردى ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت نازارەت قىلىش تېلىفونىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا نوپۇس دەپتىرى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  ج خ مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت، شياڭگاڭ-ئاۋمىنغا بېرىش-كېلىش يول خېتى ۋە ۋىزىسى، تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش يول خېتى ۋە ۋىزىسى بېجىرىشكە كېرەكلىك ئىلتىماس ماتېرىيالى، بېجىرىش مۇددىتى، مۇلازىمەت تەلىپى قاتارلىق ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىدى ۋە تەپسىلىي ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاممىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكى شەخسىي ئىش بىلەن چېگرىدىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىشقا كىملىك بىلەن نوپۇس دەپتەرنى تەڭ تاپشۇرۇشتىن، بۇنىڭدىن كېيىن نوپۇس دەپتەرنى تاپشۇرماسلىققا ئۆزگەرتتى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى تورىدىن تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىش تەننەرخى ھەقىقىي ئازايتىلىدۇ، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ج خ ئورگانلىرى ئۆزى توپلايدۇ؛ تەيۋەنگە بېرىش-كېلىش گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا، كوللېكتىپ ساياھەت ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ساياھەت ئىدارىسىغا پۇل تاپشۇرغانلىق تالونى ئېلىنمايدۇ، تەكلىپكە بىنائەن، سودا ئىشلىرى، ئىش بېجىرىش، ئۆگىنىش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىدىن پەقەت تەيۋەن ئىشخانىسى بەرگەن تەستىق خېتىنى تاپشۇرسىلا بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر