باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ م دېلو قوبۇل قىلىش، تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقاتتى

2015.12.31 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى« جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش، تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دېلو مەلۇم قىلسا قوبۇل قىلماسلىق، دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن تىزىملىماسلىق،قوبۇل قىلماسلىق، دېلو تۇرغۇزماسلىق، دېلو قوبۇل قىلىپ، تۇرغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماسلىق، ھوقۇقىدىن ھالقىپ، قانۇنغا خىلاپ دېلو قوبۇل قىلىش، تۇغۇزۇش، ئىقتىسادى ماجرالارغا قول تىقىش، مەلۇم قىلىنغان، قوبۇل قىلىنغان، دېلو تۇرغۇزۇلغان دېلولار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئالاقىدار رەھبەر ۋە بىۋاستە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دېلونى ھەقىقى قوبۇل قىلماسلىق ۋە تۇرغۇزماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا پىكىردە باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، دېلو سادىر بولۇش سانى، دېلو پاش قىلىش نىسبىتى قاتارلىق دېلونى ھەقىقى قوبۇل قىلىش ۋە تۇرغۇزۇشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىلمىي، مۇۋاپىق بولمىغان باھالاش كۆرسەتكۈچىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەلۇم قىلىنغان دېلونى قوبۇل قىلىش، دېلو تۇرغۇزۇش خىزمىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «پىكىر»دە جىددى ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان پىرىنسىپ ئېنىق بەلگىلىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك ھەرىكىتى يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئەھۋالى جىددى دېلولارغا قارىتا دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىش نەق مەيدانىنى جىدىى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىنغان دېلو تىزىملىنىپ بولۇشى شۇنداقلا مەلۇم قىلغان كىشىگە جاۋاب خېتى بېرىلىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر