باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي قانۇنى ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيە قانۇنىنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىلىدۇ

2015.12.31 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى يېمەكلىك دورا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيە قانۇنىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك، دورا ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن «يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيە قانۇنىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى چارىسى»نى بىرلىشىپ تارقاتتى. چارىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئارىسىدا يېمەكلىك، دورا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. دېلو ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزئارا ئەھۋال ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ بېجىرگەن مۇھىم دېلو ئۇچۇرلىرى بىرلىكتە ئېلان قىلىنىدۇ. بىرلەشمە يىغىنلار قەرەللىك ئېچىلىپ، دېلو بېجىرىش خىزمىتى ئەھۋاللىرى ئۇقتۇرۇلۇپ، زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر