باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

2015.12.31 11:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، 2016-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش-تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2015-يىلى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇ يوڭكاڭ، لېڭ جىخۇا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەركىزىي ۋەزىپىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولغان نازارەتنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى تېخىمۇ تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، پارتىيە ئىچى نىزامى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەتكە ئەۋەتىش بىلەن تېخىمۇ تولۇق قاپلاپ، چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توستى.

  يىغىندا 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى 2016-يىلى 12-يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە ئېچىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل-شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىشچان، تەڭ بەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىرىشىنىڭ يۈزلىنىشچان ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە سالمىقىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئۆزگىرىش جەريانىدا يېڭىلاش، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزگىرىش جەريانىدا بۆسۈش ياساشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغىچە، شەرقىي شىمال رايونى مۇھىم ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا زور نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئىقتىسادنى داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ كەسىپتە ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلاپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە كارخانىلارنى خېلى كۈچلۈك خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشى؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈشى؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قەدىمىنى ماسلاشتۇرۇشى؛ بايلىقى تۈگىگەن، كەسىپتە ئاجىزلاشقان رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، يەنە ئون يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شەرقىي شىمال رايونىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تايانچ بەلبېغى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى، مۇھىم تېخنىكا جابدۇق ئىستراتېگىيە بازىسى، دۆلەتنىڭ يېڭىچە خام ئەشيا بازىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مۇھىم تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر