باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتى كېلەر ئايدا باشلىنىدۇ

2015.12.30 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون كېلەر يىلى 5- يانۋاردىن 20- فېۋرالغىچە 2016 - يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەلگىلەنگەن شەرتىگە ئۇيغۇن، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، تىزىملانغان مېيىپ ئىشسىزلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن تۇرمۇشى قىيىنلاشقان ئائىلە ئەزالىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئۆز رايونىدىن بېكىتىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار ئادەم كۈچى بايلىقى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، مىكرو بلوگ قاتارلىقلار ئېلان قىلغان تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يۆلەش سىياسىتى، مەلۇم قىلىش تەرتىپى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرىغا كۆپرەك دىققەت قىلسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى كوچا ( يېزا - بازار ) ۋە مەھەللە ( مەمۇرىي كەنت ) ئىش باشقۇرۇش ئورنىدىن مەسلىھەت سورىسا ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى تەشكىللىگەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر