باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئېچىلىدۇ

2015.12.30 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-دېكابىر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئورگان تورىدا، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت بۆلۈمى تورى» ئۈندىدار ئاممىۋىي نومۇرى ئېچىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدى. ئىگىلىنىشىچە ھازىرغا قەدەر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور، يانفون تېرمىنالى قاتارلىق ئىككى خىل مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، 2013-يىلدىن ھازىرغىچە ئاممىنىڭ 270مىڭ پارچە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت بۆلۈمى تورى» ئۈندىدار ئاممىۋىي نومۇرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ھەققىدىكى ئالاھىدە مەزمۇنلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجادكارلىقنى ۋە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزىرى نوپۇزلۇق، مەزمۇنى مول، مۇلازىمىتى قولايلىق، ئىپادىلەشتە يېقىشلىق بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئۈندىدار سۇپىسى يەنە «<تۆت ئىستىل>غا قارشى تۇرۇش كۇنۇپكىسى» ئارقىلىق مەلۇم قىلىش ۋە «ئۈندىدار زالى» قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى. ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، «تور، گېزىت، ژورنال» بىر گەۋدىلەشكەن، ئەنئەنىۋىي تاراتقۇ بىلەن يېڭى گۈللەنگەن تاراتقۇ بىرىكىپ ھەمتۈرتكىلىق تەرەققىي قىلىدىغان تارقىتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر تور، بىر تېرمىنال، بىر ئۈندىدار سۇپىسى» بىرىككەن كۆپ قاتلاملىق تارقىتىش ھالىتىنى بەرپا قىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر