باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى، جۇڭگو خەلقئارالىق رادىئو ئىستانسىسى بىرلىكتە باھالاپ چىققان خەلقئارادىكى ئون چوڭ خەۋەر

2015.12.30 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، جۇڭگو خەلقئارالىق رادىئو ئىستانسىسى بىرلىكتە باھالاپ چىققان خەلقئارادىكى ئون چوڭ خەۋەر

  1. جۇڭگو دىپلوماتىيەدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدى

  2. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەرىكەت ھۆججىتى ئېلان قىلىنىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇردى

  3. رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلدى، روسىيە كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى

  4. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنما بانكىسى كېلىشىمى بېيجىڭدا ئىمزالاندى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەرتىپى تېز تەرەققىي قىلدى

  5. ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، دۇچ كەلگەن كۆپ خىرىسلارنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلدى

  6. ياپونىيە پارلامېنتى ئامانلىق قوغداش قانۇنىنى ماقۇللاپ، شەرقىي ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى

  7. ئالىملار يەر شارىنىڭ «بىر نەۋرە تۇغقان»نى بايقىدى، مارستا ئېرىتمە ھالەتتىكى سۇنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى

  8. دۇنيا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى ياد ئەتتى، جۇڭگو-روسىيە خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

  9. مۇساپىرلار كرىزىسى ياۋروپانى داۋاملىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچكى تالاش-تارتىشقا پېتىپ قالدى

  10. كېلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى كېلىشىم ماقۇللاپ، 2020-يىلدىن كېيىنكى تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

  سۈرەت سۆزى

  1. يەرلىك ئامما 25-سېنتەبىر ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراينىڭ شىمالىي سىرتقى زالىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالماقتا.

  2. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-قازاقىستان (ليەنيۈنگاڭ پورتى) ئەشيا-ئوبوروت بازىسىنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 13-دېكابىر ليەنيۈنگاڭ پورتىدىن چىقتى.

  3. سوۋېت ئىتتىپاقى − 25 ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى 3-ئۆكتەبىر سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا، رادىكال تەشكىلاتقا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلاندى.

  4. قۇرۇش مۇددىئاسى بار 57 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 29-ئىيۇن بېيجىڭدا «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنما بانكىسى كېلىشىمى» ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  5. تېھران 14-ئىيۇل ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  6. ياپونىيە خەلقى 30-ئاۋغۇست نامايىش قىلىپ ئامانلىق قوغداش قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

  7. قۇياش سىستېمىسىدىن باشقا پلانېت كېپلېر − b452نىڭ سۈرىتى.

  8. جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 3-سېنتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

  9. سۈرىيە مۇساپىرلىرى 27-ئاۋغۇست سېربىيە ۋە ۋېنگرىيە چېگرىسى بويىدا سېربىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنماقتا.

  10. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون (ئوتتۇرىدا) قاتارلىقلار 12-دېكابىر كېلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا «پارىژ كېلىشىمى»نى ماقۇللىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر