باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىن چېكىنگەن سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ 123 قوراللىق خادىمى بىلەن پۇقرا تۈركىيەگە يۈرۈپ كەتتى

2015.12.29 13:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنىڭ زابادانى رايونىدىن چېكىنگەن سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ 123 قوراللىق خادىملىرىنىڭ يارىدارلىرى بىلەن پۇقرا 28- دېكابىر كەچتە قۇرۇقلۇق يول بىلەن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى ھەمدە ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە يۈرۈپ كەتتى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ يىل 9- ئايدا ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ زابادانى، كافۇرايا ۋە فۇئادىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدا 48 سائەت ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئۇندىن كىيىن يەنە ئالتە ئاي ئۇرۇش توختاتقان. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر زابادانىدىن ئارقا ئارقىدىن پۈتۈنلەي چېكىنگەن، كافۇرايا بىلەن فۇئادىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن يارىدارلار، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ چېكىنىشىگە رۇخسەت قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر