باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىنتىزامنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش سۇپىسى 2013-يىلدىن بۇيان 270 مىڭدىن كۆپ ئەرز تاپشۇرۇۋالدى

2015.12.29 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، نازارەت قىلىش يوللىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا تايىنىپ، «تۆت خىل خاھىش»نى توختىماي تۈزىتىپ، كۆرىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى يېقىندا يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغان.

  مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئامما ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىش رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. نازارەت قىلىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، «تۆت خىل خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 2013-يىلى تاۋۇز چاغىنىدىن بۇرۇن پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىنتىزامنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسىنى پاش قىلىش ئەرزىنى قوبۇل قىلدى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 2014-يىلى ماي بايرىمىدىن بۇرۇن «<تۆت خىل خاھىش>نى پاش قىلىش يولى» تەسىس قىلىپ، ئاممىنى نازارەتچىلىككە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى ۋە قولايلىق يارىتىپ بەردى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بۇ يىل تاڭزۇڭزا بايرىمىدىن بۇرۇن يانفون تېرمىنالىدا «<تۆت خىل خاھىش>قا قارشى تۇرۇش كۇنۇپكىسى» پاش قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئاممىنى يانفوندا سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋە يېزىق ئارقىلىق ئەتراپىدىكى «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسىنى پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ھازىرغىچە، ئامما پاش قىلغان 270 مىڭ دېلونى تاپشۇرۇۋالدۇق، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا «تۆت خىل خاھىش» مەسىلىسى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن 8400 دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىنتىزام، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بىر تۈركۈم پارتىيەلىك كادىرلارنى قاتتىق جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك تەسىر ھاسىل قىلدۇق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر