باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە يېڭى ئولتۇراق رايونىلارنىڭ خوجىلىق ھەققىنى ئېلىشتا يېڭى ئۆلچەم يولغا قويۇلىدۇ

2015.12.29 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2-دېكابر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى« ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئولتۇراق رايون خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ قوشۇمچە ئىزاھاتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ خوجىلىق ھەققى ئۈچ دەرىجىلىك خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، يەنى كۆپ قەۋەتلىك بىنانىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىغا ئايدا 0.4 يۈەن، ئېگىز بىنانىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىغا ھەر ئايدا 1.1 يۈەن ئېلىنىدۇ.ئۇنداقتا، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونى دېگەن نېمە؟ شەھەرلىك تەرەققىيات -ئىسلاھات كومىتېتى داۋالاش، دورا باھا باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونى مۈلۈك ئىگىسىنىڭ كۆچۈپ كىرىش ۋاقىت ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ. بەلكى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان لاياقەتلىك ئولتۇراق رايوننى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونىدىكى خوجىلىق ھەققى ئىزچىل ئۆزگەرمەيدۇ ئەمەس. ئەگەر يېڭى ئولتۇراق رايونىنىڭ يول، يېشىللاشتۇرش، جامائەت ئەسلىھەلىرى لايىھە تەلىپىگە ياكى ئىشلىتىش تەلىپىگە يەتكەن بولسا، لېكىن ئولتۇراق رايونىدا تېخى مۈلۈك ئىگىسى ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان بولسا، باھانى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى ھېسابلىشى لازىم، ھەمدە مۈلۈك ئىگىسىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، زېمىن خوجىلىق ھەققى ئۆلچىمىنى ھازىرقى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى دائىرىسىدە مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر