باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىم روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ

2015.12.29 14:58   مەنبە: خەلق تورى

ئالىم روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق مۇتەپپەككۈر، پەلسەپە ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 26 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە پەلسەپە ساھەسىدىكى بىرقىسىم ئالىم،تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىرلاردىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  پروفېسسور ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ۋە ئىلىم –پەن ساھەسىدە زور نەتىجە يارىتىپ، مەملىكەت مىقياسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان تۆھپىكار شەخسلەردىن بىرى ئىدى. 1995- يىلى 2- ئاينىڭ 27-كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن 62- يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بۇ تۆھپىكار ئۇستاز بىزگە تۈگىمەس – پۈتمەس مول مەنىۋىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى . بۇ مىراسلار ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلىم ــ پەن ساھەسىدە قىممەتلىك خەزىنىلەرگە ئايلانماقتا. ئالىم، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئارىمىزدىن ئايرىلغان 20يىلدىن بېرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ــ خىزمەتچىلەر، ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، جەمئىيەتتىكى ئىلىمسۈيەر كىشىلەر، ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەنىۋىي ئوزۇق ئالغان كەڭ كىتاپخانلار بۇ تۆھپىكار ئۇستاز، كۆپ قىرلىق ئالىمنى چوڭقۇر ھۆرمەت ئىلكىدە ئەسلەپ كەلمەكتە، بۇ مۆھتىرەم زاتقا بولغان سېغىنىشىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلەشكە، تۆھپىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ياد ئېتىشكە تىرىشماقتا. ئالىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمۇ مۇشۇنداق بىر ياخشنى نىيەت، ياخشى تىلەكلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىدىن بىرىدۇر.

  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ۋاپاتى رايونىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى چوڭ يوقىتىش بولۇپ، ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئۇنىڭ ئەجرىنى، تۆھپىسىنى ئۇنۇتمىدى، ئالىمنى خاتىرىلەشنى ئۇنىۋىرسىتېتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى دەپ قارىدى، ئوقۇتقۇچىلار ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم بىر مەجبۇرىيەت دەپ بىلدى. فلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 2005- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ساھەدە چوڭ بىر قەدەم تاشلىدى، يىغىندا ئالىمنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى قايتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئالىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى يىغىن ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئۇنىۋېرىستېتنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن تېخىمۇ داغدۇغىلىق ۋە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىندا ئازاد سۇلتان، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق سەككىز نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە ئاسپىرانت تەرىپىدىن يېزىلغان ئومۇمىي پەنلەر، ئەدەبىيات، ئېستىتىكا، پەلسەپە - نەزەرىيە، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى. ئىلمىي ماقالە سۇنۇلدى ۋە ئوقۇلدى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئارمان مۇھەممەت ھېيىت تەرىپىدىن سىناق سۈپىتىدە ئىشلەنگەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ پۈتۈن بەدەن ھەيكىلىنىڭ يۇپىقى ئېچىلىدى، ئەسەر ھەققىدە يىغىن ئەھلىدىن پىكىر ئېلىندى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىرقىسىم مۇتەخەسىىسلەر مۇكاپاتلاندى.

  ئازاد سۇلتان (پروفېسسور، دوكتۇررانت يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى): ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر پەلسەپەچىلىكىدىكى 20 – ئەسىردە چىققان ئالىم، بۈگۈن بىز جەمئىيەتىمىزدىكى ئاتاقلىق شەخىسلەر، ئۇستازلار، ئالىم ۋە مۇتەخەسىسىلەر شۇنداقلا ئالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولۇپ ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئالەمشۇمۇل تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە ئولتۇرۇپتىمىز. ئالىمنىڭ ئىدىيىسى ئالدىنقى ئەسىردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە، ئۇيغۇر پەلسەپىچىلىكىدە ئەڭ ئىلغار ئىدىيە بولغان بولسا، ھېلىھەممۇ يەنىلا ئەڭ ئىلغار ئىدىيە قاتارىدا چاقناپ تۇرماقتا.ئالىمغا بولۇنغان تەتىقاتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن جەمئىيىتىمىزدە ئۇنىڭغا بولۇنغان باھا تېخىمۇ ئىلغارلاشتى. بىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ روھىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا بولغان تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئۇنىڭ ئىلغار ئېدىيىسىنى نادانلىققا، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىر مۇنەۋۋەر پېداگوك، كۆپ خىل پەنلەردە يېتىشكەن بىر ئالىم، تىلغا باي بىر ئەدىپ ئىدى. پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى جەمئىيەتتە ئەڭ دەسلەپ مەشھۇر بىر كىشى سۈپىتىدە تۇنۇتقىنى ئۇنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىيىتى بىلەن ئىلمىي ئەسەرلىرى بولدى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ساھەسىدە تۇنجى رۇبائىيلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، رايونىمىزدا روبائىي قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «رۇبائىيات» دېگەن ئەسىرى ئارقىلىق يالغۇز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىيات پەللىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈپ قالماي، بەلكى شەرقنىڭ رۇبائىيچلىق ساھەسىدە يۈكسەك بىر چوقا ھاسىل قىلغان شائىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇستاز، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا ــ ئۇسسۇل سەنئىتى»، «ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى‹ئون ئىككى مۇقام› ھەققىدە»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئومۇمىي ئېستېتىكا» قاتارلىق بىر يۈرۈش يىرىك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، رايونىمىزنىڭ سەنئەت، پەلسەپە ۋە ئېستېتىكا تەتقىقاتىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى، بۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق شۇ ساھەدىكى چوڭ بوشلۇقلارنى تولدۇردى.

  80-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 90- يىللارنىڭ باشلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمىي ھاياتىدا زور بۆسۈش بولغان يىللاردۇر. چۈنكى ئالىم بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ساھەسىنى نۇرلاندۇرىدىغان بىر يۈرۈش مۇھىم ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. 90- يىللارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە نەشر قىلىنغان «قاتلاملىق ئېستېتىكا» دېگەن ئەسىرىدىكى چۈشەنچە ۋە يېڭى نەزەرىيەلىرى ئارقىلىق ئېستېتىكا پېنىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئېستېتىكا پېنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكەن بىر پەن سۈپىتىدە ئومۇملىشىشى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەمگىكىگە باغلىنىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر پەن تارىخىدا تۇنجى بولۇپ چەتئەلدىن ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە يەنە بىر زور شەرەپ بېغىشلىغانىدى.

  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بۇددىزىم تاش كېمىرلىرى، مۇقام ۋە «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت ئۈچ خەزىنە «ئالەمشۇمۇل تەسىر ۋە ھۆرمەت قوزغىغان ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەلئېھرامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇقەددەس ئابىدىمىز!» ئالىمنىڭ بۇ ئۈچ خەزىنە ھەققىدە يازغان «قۇتادغۇ بىلىگ›خەزىنىسى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى» قاتارلىق كىتابلىرى ۋە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پەلسەپە تارىخىنىڭ بىر خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدىغان «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دېگەن ئەسىرى ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەشر قىلىپ، رايونىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەۋرىنىش پەيدا قىلدى ۋە جەمئىيەتتە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ھازىر ئالىمنىڭ زامانداشلىرى، مەكتەپداشلىرى، دوستلىرى، ئىز باسارلىرى، زىيالىيلار، كەڭ ئوقۇرمەنلەر، خەلق ئىچىدىكى ئىلىمسۈيەر جامائەتلەر ئالىمنى ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار بىلەن ئەسلىمەكتە. ئەمەلىيەتتىمۇ ئالىمنى ئەسلىسەك، ئۇنىڭ سىماسى رايونىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى گىگانىت بىر ئوبراز سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

  مانا بۇنىڭدىن بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان چوڭ بىر تېمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئوبرازىنىڭ خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ھەممىمىزنى چەكسىز سۆيۈندۈرىدىغان بىر مەشھۇر سىيما سۈپىتىدە پارلايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. قىسقىسى بۈگۈنكى يىغىن بۇ ئۇستازغا، بۇ ئۇلۇغ ئالىمغا، بۇ مۇبارەك زاتقا بولغان قايىللىقىمىزنى، سۆيگۈمىزنى، ھۆرمىتىمىزنى،سېغىنىشىمىزنى ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئىپادىلەشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنىڭ چوڭ بىر بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇندىن كېيىن ئەۋلاتلار بۇ شەخسنى تېخىمۇ ئۇلۇغلۇغۇسى!

  ۋۇ گۇاڭمىڭ (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى): ھۆرمەتلىك خانىملار، ئەپەندىلەر، ئالىم، مۇتەخەسسىس، ئۇستازلار، ھەر قايسى ئورگانلادىن، ئاخبارات ۋە تاراتقۇ ساھەسىدىن كەلگەن دوستلار ياخشىمۇ سىلەر؟ «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا تەشرىپ قىلغان قەدىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر قايسىڭلارنىڭ يىغىنىمىزغا ئىشتىراك قىلغىنىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ھەم سىزلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇشبۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.

  ھۆرمەتلىك مېھمانلار بىز شۇ تاپتا مەشھۇر ئالىم، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىنىڭ 20يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغى» غا قاتنىشىپ تۇرۇپتىمىز. ئەلۋەتتە بۇ، بىز ئۈچۈن تولىمۇ خاسىيەتلىك، ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەردۇر. يىغىنىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخىدىلا ئەمەس، ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئىلىم – پەن ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان، ئەھمىيەتلىك بىر ئىلمىي پائالىيەتتۇر. مەن ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك، كاتتا پائالىيەتنى تەشكىللىگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ھەم يىغىننىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ياردەم قىلغان جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئىلىمسۈيەر، مەرىپەتپەرۋەر شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئالغا بېسىشىغا، ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ۋە مەملىكەت ئىچىدە يۇقىرى تەسىرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان بىر مەشھۇر ئالىم ئىدى. ئالىمنىڭ ئوبرازى ھازىر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تېخىمۇ زورايماقتا. بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىدىن مۇشۇنداق بىر كاتتا ئالىمنىڭ چىققانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز ھەم ئۇنىڭ نامىغا چەكسىز ھۆرمەت كۆرسىتىمىز، ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

  مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھايات چېغىدا 40يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا ئۇ بىر مەزگىل ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پاراسىتىنى، ئوتتەك قەلبىنى، پۈتكۈل ھاياتىنى ئىزچىل ھالدا خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي بەخت- سائادىتىگە، مائارىپغا، ئىلىم - پەنگە بېغىشلاپ، ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلىم ــ پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا غايەت زۆر تۆھپە قوشقان، خەلقنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشى ئۈچۈن تىنىمىزسىز ئىزدەنگەن. مەشھۇر شائىر نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئۇنىڭ پۈتۈن قەلبى خەلق ئۈچۈن شەيدا بولغىنىدەك، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى ئىلمۇ ــ مەرىپەت بىلەن ھەمرا ئىدى» . شۇڭا، بىز بۇ تۆھپىكار ئۇستاز، ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تۆھپىسىنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەيمىز، ئالىمنى خاتىرىلەشنى مۇھىم بىر بۇرجىمىز دەپ بىلىمىز.

  بۇ تالانتلىق ئەدىپ، دەۋرىمىز رۇبايىچىلىقىنىڭ بايراقتارى، كۆپ قىرلىق ئالىم، پەيلاسوپ، پېداگوك، تىل ئۇستىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە ھازىر 20يىل بولدى. بۇ 20يىل جەريانىدا گەرچە ئالىم ئارىمىزدا بولمىسىمۇ، ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىنغان بىر يۈرۈش يىرىك ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلىرى ئالىمنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى سىماسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى، مانا بۈگۈنكۈ كۈندە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالىمنىڭ ئىلمىي ئوبرازى بارغانسېرى زور تەسىر قوزغىماقتا، ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىنماقتا. بىز بۇنىڭدىن ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ بىر تېما سۈپىتىدە بىر ئىلمىي ئېقىمنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەلۋەتتە ئۇستاز، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن پېداگوك، ئەدىپ، ئالىم، مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ئۇلۇغلاشقا ۋە خاتىرىلەشكە، ئەسەرلىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر زاتتۇر. بۇ قېتىمقى يېغىن ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئالىمنى خاتىرىلەش يولىدا ئويۇشتۇرغان 2- قېتىملىق ئىلمىي يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز ھەم جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭمۇ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  ئاخىرىدا مەن بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىرلىكتە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ قوشقان نەشرىيات خادىملىرىغا، مۇھەررىر ۋە تەھرىر يولداشلارغا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە، فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا، ئالىمنى قوللىغان، ھىمايە قىلغان ھەر ساھەدىكى شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىمنىڭ ئائىلىسىگە، جەمەتىگە ئامانلىق، بەخت – سائادەت ۋە نۇسرەت تىلەيمەن. مېھمانلارغا رەھمەت.

  كۆرەش مەھمۇتجان رەئىسى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى): مەن ئالدى بىلەن مەرھۇم ئۇستازىمىز، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نامىغا ئويۇشتۇرۇلغان بۈگۈنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. بارلىق يىغىن ئەھلىنىڭ قەدىمىگە قۇت – ئائەت يار بولغاي!

  مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن 20يىلدەك بىللە ئىشلەپ، ئالىمنىڭ نۇرغۇن كەچمىشلىرىگە بىۋاسىتە شاھىت بولدۇم، بۇ جەرياندا ئالىمنىڭ كىشىلىك ھاياتى ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. بولۇپمۇ بۇ ئالىمنىڭ پەزىلەتلىك، سەمىمىي، راستچىل، ھەققانىيەتچى، ئالىجاناپ خسلىتى مېنى بەكلا سۈيۈندۈرەتتى. ئەلۋەتتە بۇ مۇھتەرەم ئۇستازنىڭ ئۇقۇتۇش ۋە تەتقىقاتقا تۇتقان پوزىتسىيەدىكى ئەستائىدىللىقى، قەتئىيلىكى، تىنىمسىز ئىزدىنىشى، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ تەپەككۇرسىز ئۆتكۈزمەسلىكى، ھاياتىنى ئەمەلىي نەتىجىلەر بىلەن نۇرلاندۇرۇشى، كەلگۈسى ئۈچۈن مول مىراسلارنى قالدۇرۇشى ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ھايات تىپىنى تەشكىل قىلاتتى. ئالىمنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى يۈكسەكلىكمۇ بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغايتتى. ئالىمنىڭ تالانت، بىلىم ۋە پىكىر جەھەتتىكى كامالىتى ئۇنى دەۋرداشلىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىتىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى يۇقىرى ئابرويغا سازاۋەر قىلغانىدى. بىز بۇ ئۇلۇغ ئۇستازنى ئەسلىگەندە ئۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدىن، بىلىم خەزىنىسىدىن، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىدىن سۈيۈنمەي تۇرالمايمىز. ئۇنىڭ نامىغا ئېھتىرام بىلدۈرمەي ئۆتەلمەيمىز. ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىز بۇ ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى، ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى، ئالىمنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھەقىقىي تۈردە يورىتىشنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى دەپ قارىدۇق. 2005- يىلى ئالىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ ئورۇندا تۇنجى قېتىملىق ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەنىدۇق. بىزنىڭ تۇنجى يىغىنىمىز پەقەت فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنىدى، بۇ قېتىمقى يىغىننى بولسا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە شەخسلەر بىلەن فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، يىغىننىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. بۇ ئەھۋال پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا جەمئىيەتتە «داشۆي ئابدۇشۈكۈر» دېگەن كاتتا نام بىلەن مەشھۇر بولغانىدى. «ئۇ تارىخنىڭ بەرگەن ئۇنۋانى» ئىدى. 1983- يىلى ئۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستانغا قىلغان زىيارىتىدە بۇ رېسبوبلىكىلارنىڭ ئىلىم ــ پەن ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىدى، 1986- يىلى ياپونىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بەزى ئەسىرلىرى 90- يىللاردا رۇسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئالاھىدە دىققەتنى قوزغىدى. «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ۋە «‹قۇتادغۇ بىلىگ› خەزىنىسى» دېگەن كىتابلىرى تۈركىيەدە تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىندىن بېرى ئۆزبېكىستاندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتى قوزغىلىپ، ئالىمغا بېغىشلانغان ئوقۇشلۇقلار نەشر قىلىنىپ، ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

  غەيرەتجان ئوسمان ئوتغۇر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى): ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان تۆھبىكار باغۋەن .ئالىمنىڭ بۇ ساھەدە ئىزدىنىشىنىڭ تارىخى ئاساسى ۋە سەۋەبى تولىمۇ چۈشىنىشلىك. مەلۇمكى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇزۇن تارىخقا،مول مەزمۇنغا،خاس ئۇسلۇپقا ۋە رەڭگا- رەڭ شەكىلگە ئىگە.جۈملىدىن،ئۇنىڭ مەزمۇنى نوقۇل ئەدەبى مەزمۇن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىغا ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدىكى مەزمۇنلار-جاۋاھىراتلار مۇجەسسەم قىلىنغان. پروفىسۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئالىم مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن، دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلەشنى قولغا ئالغان،بۇ جەھەتتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى خېلى يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكۈزگەن. ئالىمنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن،شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ تىل-ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىيەت ۋە مەدەنىيەت تارىخى، پەلسەپە، سەنئەت، دىن، فولكلور قاتارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلغان. مانا مۇشۇنداق پەن تارماقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇھىم ماتىرىئال ئاساسى قەدىمكى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي يادىكارلىقلار ئىدى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، پروفىسۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تىل-ئەدەبىياتى يادىكارلىقلىرىنى،يېزىق ۋەسىقىلىرىنى چوڭقۇر،ئەتراپلىق ھەم خېلى پىششىق ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. ئۇنى ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى دەپ تونۇپ،مۇشۇ ئاچقۇچ بىلەن بۇ خىل ئەدەبىيات غەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كىرەكلىك بولغان نۇرغۇن- نۇرغۇن جاۋاھىراتلارنى قىزىپ چىقىپ، تەھسىلىيەت ئەلگىكىدىن بىرمۇ-بىر ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى پەن تۈرلىرىنىڭ تەتقىقات يۆلۈنىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ،كۆزلىگەن مەخسەتكە دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن دەپ ئىيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.

  يۈسۈپجان ياسىن (ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)

  دۇنيادا ئالىملىق، مۇتەپەككۇرلۇق ۋە ئەدىپلىك سۈپىتى بىر گەۋدىلەشكەن شەخسلەر ناھايىتى ئاز ئۆتكەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بىر گەۋدىلەشكەن شەخس. شۇڭا ئۇ ھەم ئالىم، ھەم مۇتەپەككۇر، ھەم ئەدىپ سۈپىتىدە تونۇلغان. قىسقىسى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۆزىنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ 20- ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىر ئېنسىكلوپېدىك ئالىم.

  بۇ يىل بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا 20يىل بولدى. ئالىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتىنى بارغانسېرى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدۇق، ھاياتىنىمۇ قايتا تۇنۇۋاتىمىز، مەتبۇئاتلاردا، تاراتقۇلاردا ئالىمنىڭ نامىنى سۆيگۈ بىلەن تىلغا ئېلىۋاتىمىز. قىسقىسى، بۇ ئالىم ھەر كىشىنىڭ قايىللىقىنى، ھۆرمىتىنى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان بىر شەخس.

  ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتتا مۇنداق ئىككى يول بار. بۇنىڭ بىرى «جەمئىيەت ئۈچۈن»، يەنە بىرى «ئىلىم ــ پەن ئۈچۈن» دېگەندىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ ئىجادىيەت ۋە پەن تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مۇشۇ ئىككى يولدا تەڭ ماڭغان ئەدىپ، مۇتەپەككۇر، سەنئەتكار ۋە ئالىملار ناھايىتى ئاز. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ ئىككى يولدا تەڭ ماڭغان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. مۇشۇ ئىككى نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەم بىر مەشھۇر شەخس ھەم بىر تارىخىي شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئېستېتىكا، پەلسەپە، تارىخ، سەنئەت، ئىجتىمائىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر يۈرۈش «ئۇل ئەسەرلەر» نى يېزىپ، ئىلىمنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقانلىقى ئۈچۈن بىر مەشھۇر شەخس. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، مەنىۋىي يېتەكچىلىك قۇدرىتىگە ئىگە شەخس سۈپىتىدە پىكىر ئىنقىلابى قوزغاش ئارقىلىق مەنىۋىي جەھەتتە ساغلاملىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر تەپەككۇر تارىخىدا دەۋر ئاچقانلىقى ئۈچۈن بىر تارىخىي شەخستۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ فارابىدەك ئۆز ياشىغان جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسىنى تاشلاپ، نۇقۇل پەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئالىم بولماستىن، بەلكى يۈسۈف خاس ھاجىپتەك ئۆز جەمئىيىتىنىڭ قايغۇسىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەم پەننىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان بىر ئىككى بىسلىق ئالىمدۇر. شۇڭا، بۇ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەم ئىجتىمائىي ــ تارىخىي نۇقتىدىن ھەم ئىلىم ــ پەن نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ بىر تېما.

  ئىقبال تۇرسۇن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونىۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستوتىنىڭ پىروفىسسورى، دوكتۇر) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتشۇناسلىق ئىلىم قورلۇشى ۋە تەتقىقاتلار تىزلىكتە قانات يېيىپ، ئالىي مەكتەپلەر، ئاكادىمىيىلەر ۋە تەتقىقات يۇرتلىرىدا ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئىستىتىكا پەنلىرى ئاساسى گەۋدە قىلغان فىلولوگىيە پەن قۇرلۇشى پەيدىنپەي چوڭقۇرلىشىپ، ھەقىقى مەنىدىكى زامانىۋى مىللىي ئوقۇشلۇق ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر فىلولوگىيىسى پەن قۇرلۇشى تەرەققىياتىدا، بولۇپمۇ پەلسەپە ۋە ئىستىتىكا نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان كۆپ قىرلىق فىلولوگلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.شۆبىھسىزكى ئۇنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەن ساھەسىدە ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، ئىستىتىكا نەزەرىيەسى ۋە قوللانمىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالغان ھەمدە مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخ تەتقىقاتچىسى ۋە ئىستىتىكاشۇناس دېيىشكە مۇناسىپ.

  80-يىللاردا شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي تىل-يېزىقىدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، ئىستىتىكا نەزەرىيىسى دەرسلىكى ئۇقۇشلۇقلىرى تېخى بوشلۇق ئىدى. ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ مەزگىلدە نەشىر قىلىنغان "ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى«‹ئون ئىككى مۇقام› ھەققىدە»، «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى» ، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى»قاتارلىق كىتابلىرىدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى، مۇقام سەنئىتى ۋە فارابىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىستىتىك ئىدىيە سېستىمىسى قاتارلىق تېمىلار بۇيىچە ئۇيغۇر مىللىي ئىستىتىكىسىنى ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. كەينىدىنلا ئۇ تۈزگەن «ئومومى ئىستىتىكا» ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئىستىتىكا دەرىسلىكى بۇلۇپ قالدى. مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدىكى كونىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت كەسىپلىرىدە ئىستىتىكا دەرسلىكى تېخى تەسىس قىلىنمىغان، شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئىستىتىكا دەرسى ئېچىلغان بولسىمۇ، دەرسلىك قوللانمىسى بولمىغاچقا، تەرجىمە ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ سۆزلەشكە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى يوق دېيەرلىك، تەتقىقاتلارمۇ ئاندا-ساندا يېزىلغان پارچە-پۇرات ماتىرىياللاردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۈزگەن "ئومومىي ئىستىتىكا"ناملىق كىتاب ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن تۇنجى ھەم بىر قەدەر سېستىمىلىق تۈزۈلگەن دەرسلىك قوللانمىسى بولۇش بىلەن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلە، چوڭلار ئالىي مائارىپى، ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر، سەنئەت كەسىپلىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىگانە قوللانمىسى بولۇپ تا ھازىرغا قەدەر كەڭ تۈردە قوللىنىلماقتا.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى
      ·ئاۋات ناھىيەسىدە لۇشۈن باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىدىن ماۋزېدۇڭ، لۇ شۈن قاتارلىقلارنىڭ ت…
      ·ئېلىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتارىغا ئۆتتى
      ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ)نىڭ قاراماي مەكتەپ رايونى قۇرۇلدى