خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا يېڭى ماھىرلارنى تاللاش ۋە 2015 – يىللىق شىنجاڭ بويىچە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بوكس چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى 28 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 60ماھىر مۇسابىقىغا قاتناشتى.
سۈرەتتە: ماھىرلار مەيداندا ئېلىشماقتا
مەنبە: خەلق تورى